UyghurMain Dictionary
كاندى پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)نىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق رايونىدىكى سانگالو مىللىتىنىڭ دۆلىتى. پايتەختى كاندى بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن 1480 - يىلى كوتتې پادىشاھلىقدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان. 16 - ئەسىردە پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىشغال قىلىۋالغان. 1592 - يىلى ھەربىي ئاقسۆڭەك كونناپۇ باندارى (؟ - 1604) پادىشاھلىق تەختنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ۋىمالا دارما سۇريا دەپ ئاتاپ، مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، يېڭى كاندى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1594 - يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرەەن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەستىنى بىرقانچە قېتىم تارمار قىلغان. 17 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرغان. كېيىن يەنە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىللىكنى ساقلىغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئەنگلىيە گوللاندىيەنىڭ سەيلوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن. كاندى 1815 - يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلنىپ، پادىشاھلىق يىمىرىلگەن.