Uyghur←ChineseMain Dictionary
كانبېررا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر堪培拉
kān péi lā
ئاۋسترالىيىنىڭ پاتەيختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، كانبېررا شەھىرى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى <پايتەختكە بىۋاسىتە قاراشلىق رايون> غا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان مولونگلو دەريا ۋادىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 760 مېتىر كېلىدۇ. كانبېررا شەھىرى شەرقىي شىمالىدىكى سىدنى شەھىرىدىن 240 كىلومېتىر، غەربىي جەنۇبىدىكى مېلبۇرىن شەھىرىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، بۇ جاي ئەسلى ئادەمزات يوق دالا بولۇپ، مال بېقىلاتتى. 1909 - يىلىغا كەلگەندە بۇ يەر پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. 1913 - يىلى شەھەر قۇرۇلۇشى باشلانغان، 1927 - يىلى دۆلەتنىڭ پايتەختى مېلبۇرىن شەھىرىدىن بۇ جايغا كۆچۈرۈلگەن. كانبېررا شەھىرى 20 نەچچە يىل نۇقتىلىق قۇرۇلۇش جەريانىدا قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى. كانبېررا شەھىرى كۆكەرتىش جەھەتتە ۋارشاۋادىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىرنەچچە كىچىك شەھەرچىلەر قۇرۇلدى. ئەسلى ئادەمزات يوق بۇ دالىدا ھازىر 210 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە بار. شەھەردە يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى، دۆلەتلىك داشۆ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، رەسەتخانا، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، چوڭ بانكىلار، ئاتاقلىق مېھمانخانىلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
堪培拉
kān péi lā
GetWord Corpus
9堪培拉
堪培拉【地名】
kān péi lā9堪培拉
堪培拉【世界各国】
kān péi lā
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.