Chinese→UyghurMain Dictionary
坎巴尼亚
Domain: دۇنيا تارىخىكامپانىيە
قەدىمكى ئىتالىيە رايون نامى. شىمالىي لاتىنئوم جەنۇبىي لۇكانىيە بىلەن قوشنا، شەرقىي سامنت تاغلىق رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تىررېن دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. پايتەختى كاپويا شەھىرى. يېرى مۇنبەت بولۇپ، سودا - سانائەت ئىشلىرى راۋاجلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن <سامنت ئۇرۇشى> ئاساسەن رىملىقلار بىەن سامنتلارنىڭ كامپانىيە <ۋەكاپويا>نى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا رىملىقلار غالىپ كېلىپ، كامپانىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. دېڭىز بويى شەھىرى نېئاپول، مەشھۇر ۋىزوۋېي يانار تېغى (79 - يىلى تۇنجى قېتىم پارتلىغان) نېئاپول قولتۇقىنىڭ دېڭىزغا يېقىن جايىغا جايلاشقان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.