Chinese→UyghurMain Dictionary
卡纳克神庙
دۇنيا تارىخى
كەرنەك ئىبادەتخانىسى
يەنى قەدىمكى مىسىرنىڭ تېب شەھىرىدىكى ئىلاھ ئاممون ئىبادەتخانىسى. خارابە ئىزى بۈگۈنكى يۇقىرى مىسىر نىل دەرياسىنىڭ شەرقىي ياقىسىدىكى كەرنەك يېزىسىدا. بۇ ئىبادەتخانا ئوتتۇرا سۇلالىلەر (مىلادىدىن ئىلگىرى )ⅡⅩⅩ - ⅧⅩ ئەسىرلەر( دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيتىپ قۇرغان، يېڭى سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ )مىلادىدىن ئىلگىرى ⅢⅩ ئەسىر( دەۋرىدە ئاساسەن پۈتكەن، دەپ قارالماقتا. جەنۇبتا بۈگۈنكى لۇكسور )ئەرەپچە: ئالاقمىئور - ئەل - ئۇقسور( يېزىسىغىچە سوزولغان. ئاساسىي ىانىقاسىنىڭ )كەزنەكتە( يەر مەيدانى تەخمىنەن 5000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 16 قاتار قىلىپ قويۇلغان 134 تال چوڭ يۇمىلاق تۈۋرۈكلىرىدىن ياسالغان. ئوتتۇرىدىكى ئەڭ ئېگىز 12 تال يۇمىلاق تۈۋرۈكىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى 21 مېتىردىن بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە يۈز ئادەم تۇرالايدىكەن. تۈۋرۈكلەرنىڭ بويىغا تەسۋىرىي يېزىقلار ۋە قاپارتما سۈرەتلەر ئويۇلغان، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، مېمارچىلىق تارىخىدا نادىر ئەسەر دەپ ئاتالغان. مەزكۇر ئىبادەتخانا قەدىمكى مىسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا بولۇپ، قەدىمكى دەۋرىدىكى داڭلىق مەدەنىي ئاسار - ئەتىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.