UyghurMain Dictionary
كامىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېتۈك؛ تولۇق، نۇقسانسىز، كەمچىلىكسىز، مۇكەممەل:
چۇ شافۇر نەققاشى كامىل ئىدى،
خىيالىغە كەلگەنگە ئامىل ئىدى.
ئا. نىزارى.
دۇنيا تارىخى
(1874 - 1908) مىسىر مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى، سىياسىي ئوبزورچى. ياش چېغىدىلا فرانسىيىدە ئوقۇغان. 1900 - يىلى <بايراق> گېزىتىنى چىقىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىرنى بېسىۋېلىشىغا، مەھدىچىلىك ھەرىكتىنى باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە بىلەن ھدىۋغا تايىنىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. 1907 - يىلى يېڭى ۋەتەن پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە <پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۈرىشىگە تايانغاندىلا، مىللي مۇستەقىللىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
فىزىكا
كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل، تولۇق، تەلتۆكۈس.
- بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل، - دېدى شانىياز خۇشاللىق بىلەن.//ئوقۇتقۇچىلار ئىشقا بۇيرۇسا بارلىق ئىشتىياقىم بىلەن كامىل ئورۇنلايتتىم.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تولغان، يېتىلگەن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
يېتۈك، بەركامال، كەم-كۈتىسىز، نۇقسانسىز؛ دانىشمەن. بۇ نام مۇھەممەد