Chinese→UyghurMain Dictionary
卡蒙斯
دۇنيا تارىخى
كاموئېنىس
(1524 - 1580) ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى پورتۇگالىيىلىك شائىر. لىسابۇندا سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوئىمبىرا ئونىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان. كېيىن لىسابۇنغا يېنىپ كېلىپ، ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى ژوئاۋ Ⅲ (1521 - 1557 - يىللىرى تەختتە )نىڭ خىزمىتىدە بولغان. 1546 - يىلى <كورۇل سىلېۋكوس> دېگەن ھەجۋىي درامىسى تۈپەيلىدىن (1547 - يىلى) سۈرگۈن قىلىنغان، 152 - يىلى كورۇلنىڭ مىراخورنى يارىلاندۇرغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1553 - يىلى قويۇۋېتىلگەن. جان بېقىش ئۈچۈن ھىندىستاندىكى گوئاغا بارغان. بۇ ئارىلىقتا يەنە جۇڭگونىڭ ئاۋمېنغىمۇ كەلگەن. 1567 - يىلى موزامبېككە بارغان. تەخمىنەن 1570 - يىلنىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇ داگامانىڭ يېڭى سۇ يولىنى ئېچىش جەريانىنى مەركىزىي نۇقتا قىلىپ، پورتۇگالىيە گرافى، شاھزادە ھېنرىدىن باشلاپ تاكى ژۇئاۋ Ⅲ نىڭ ۋاقىتغىچە بولغان پورتۇگالىيە تارىخىنى بايان قىلدىغان 8860 مسرالىق <لۇستانلار> (مەنىسى <پورتۇگاللار>) دېگەن داڭلىق ئېپوسنى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 14 مىسرالىق شېئىرلا، ھەجۋىي فىليەتونلار ھەمدە ئۈچ پارچە كومىدىيە يازغان.