Chinese→UyghurMain Dictionary
卡梅隆
دۇنيا تارىخى
كامېرون
(1844 - 1894) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1857 - يىلى دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1868 - يلى ئېفىئوپىيەنى مۇستەملىكە قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1873 - يىلى ئەنگلىيە خانلىق جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئېكىسپىدىتسىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىغا بەلگىلىنىپ، ئافرىقىغا بېرىپ، لېۋىڭىستونغا ياردەم بەرگەن ۋە ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تانگانىكى كۆلىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى تەكشۈرۋېتىپ، لۇكۇگا دەرياسىنى <تاپقان>. كونگو دەرياسى بىلەن زامبېزى دەرياسىنىڭ سۇ بۆلگۈچىنى تەكشۈرۈپ، 1875 - يلى 1 ـ ئايدا ئانگولا دېڭىز ساھىلىغا يېتپ بارغان. ئۇنىڭ <ئافرىقىنى توغرىسىغا كېسپ ئۆتۈش> دېگەن ئەسىرى بار.