Uyghur←ChineseMain Dictionary
كامبالا بېلىقى
بىئولوگىيە
比目鱼
bǐmùyú
بېلىقلار سىنىپى، كېپىنەكسىمان بېلىقلار ئەترىتى (Pleuronecti formes) دىكى بېلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى، تېنى ياپىلاق، سىممېترىيىسىز، ئىككىلا كۆزى تېنىنىڭ بىر يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، شەكلى قالقانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا قالقانسىمان بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پالاقچىلىرىدا ئادەتتە تىكىنى بولمايدۇ. دۈمبە، ساغرا پالاقچىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن، قورساق پالاقچىسى كۆكرىكى ياكى بوغۇز قىسمىغا جايلاشقان. يېتىلگەن بېلىقنىڭ پۈۋىكى بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مۇھىتقا قاراپ بەدەن رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە چىشلىق كامبالا بېلىقىنىڭ (چەپيان كۆز كامبالا) ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك. كامبالا بېلىقى دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك بېلىقلاردىن بولۇپ، سۇ تېگىدە ياشايدۇ. ئادەتتە سۇ تېگىدە كۆزى بار يېنىنى ئۈستىگە قارىتىپ ياتىدۇ؛ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار. يېقىن دېڭىز بويلىرىدا ھايات كەچۈرىدۇ. ئاز ساندىكى تاتلىق سۇلارغا كىرىپ ياشايدىغان تۈرلىرى كۆپىيىش ۋاقتىدا يەنىلا دېڭىزغا قايتىدۇ. ئاساسلىق ئوزۇقى سۇ تېگىدە ياشايدىغان ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار. كىچىك بېلىقلارنى يەيدىغانلىرىمۇ بار. لەيلىگۈچى تۇخۇملارنى سالىدۇ، تۇخۇمى سۇدا لەيلەپ يۈرۈپ يېتىلىدۇ؛ بېلىجاننىڭ بەدىنى ئوڭ - سوڭ سىممېترىك بولۇپ، سۇ قەۋىتىدە ياشاپ، لەيلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كېيىن دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ ياشاشقا ئۆزگىرىپ تېنىنىڭ بىر يېنى بىلەن تەكشى يېتىپ ھايات كەچۈرىدۇ ۋە باش سۆڭىكىدە تولغىنىش يۈز بېرىپ كۆزلىرى بەدىنىنىڭ يۇقىرىغا قارىغان تەرىپىگە يۆتكلىدۇ. كېپىنەكسىمان بېلىقلار ئەترىتى سىڭار كۆز بېلىق، كالكان بېلىقى، كېپىنەك بېلىقى، كوسورۇت بېلىقى ۋە تىلسىمان كامبالا قاتارلىق ھەرقايسى ئائىلەردىكى بېلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىن مەشھۇر يېرىم سىلىق تىلسىمان كامبالا ھەم تاسمىسىمان كامبالا چىقىدۇ. چوققا كۆز كامبالا بىلەن سېرىق كامبالالار بولسا شىمالدا كۆپرەك؛ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىن سىڭار كۆز كامبالا چىقىدۇ. سېرىق دېڭىز، بوخەي دېڭىزلىرىدىن ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان چىشلىق كامبالا بېلىقى (چەپيان كۆز كامبالا) چىقىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
比目鱼
bǐ mù yú