Chinese→UyghurMain Dictionary
卡迈尔
Domain: دۇنيا تارىخىكامىل
(1874 - 1908) مىسىر مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى، سىياسىي ئوبزورچى. ياش چېغىدىلا فرانسىيىدە ئوقۇغان. 1900 - يىلى <بايراق> گېزىتىنى چىقىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىرنى بېسىۋېلىشىغا، مەھدىچىلىك ھەرىكتىنى باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە بىلەن ھدىۋغا تايىنىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. 1907 - يىلى يېڭى ۋەتەن پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەمدە <پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۈرىشىگە تايانغاندىلا، مىللي مۇستەقىللىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.