Uyghur←ChineseMain Dictionary
كالۋىن
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
加尔文
jiā ěr wén
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
狄考文
dí kǎo wén
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡尔文〈美〉
kǎ ěr wén 〈měi 〉
دۇنيا تارىخى
加尔文
jiā ěr wén
(1509 - 1564) ⅥⅩ ئەسىرىدىكى ياۋرۇپا دىن ئىسلاھاتچىسى. كالۋىن دىنىنى ياراتقۇچى. فرانسىيەنىڭ نويون شەھىرىدىكى ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارىژ ئورلىئان ۋە بۇرگېستا ئوقۇغان. دەسلىپىدە ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلغان، كېيىن قانۇن ئوقۇغان. 1533 - 1534 - يىللىرى دىننى ئىسلاھ قىلىپ پروتېستانت دىنىنى ياراتقان. 1534 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى پروتېستانتلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، شۋېتسارىىنىڭ بازېل دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتكەن. 1536 - يىلى مۇشۇ شەھەردە <خرىستىئان دىنى قائىدىلىرى>نى نەشىر قىلىپ، پروتېستانت دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سېستىمىلىق شەرھلەپ، رىم پاپاسىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلغان. شۇ يىلى تەكلىپگە بىنائەن جەنۋەگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئارىلىقتا بىر مەھەل بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەتكەن. 1541 - يىلىدىن كېيىن ئۇزاققىچە جەنۋەدە تۇرۇپ، كالۋىن دىنىنى ياراتقان. ئۇنىڭ دىن تەلىماتى لۇتېرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ <ئېتىقاد ئارقىلىقلا، گۇناھتىن ساقىت بولغىلى بولىدۇ> دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك دىنىنىڭ دىنىي تەبىقە تۈزۈلمىسى ۋە چاكىنا قائىدە - يوسۇنلىرىغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت قىلىپ بېيىش ۋە پۇل قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىشقا يول قويغان ھەمدە چېركاۋ تەشكىلاتلىرىنى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەت پرىنسىپى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان. شۇ سەۋەپتىن بۇرژۇئازىيەنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشقان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۋە سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلاھىي ھاكىمىيەت جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. يەنە دىن تارقاتقۇچىلارنى ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ دىن تارقاتقان، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى جەنۋە پاپاسى دەپ ئاتىغان، جەنۋەنى پروتېستانت دىنىنىڭ رىمىغا ئوخشاتقان. ئۇ دېھقانلار ۋە شەھەر پۇقرالىرى دىنى مەزھەپلەرگە (بولۇپمۇ قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرى) دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتقان، يەنە بىدئەت دېگەن جىنايەت بىلەن، ئىسپانىيە ئالىملىرىدىن سېرۋېت قاتارلىق 50 نەچچە كىشىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. 1558 - يىلى جەنۋە ئىنستىتۇتى (جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى)نى قۇرغان. كېيىن <كالۋىن ئەسەرلىرى> دىن 52 توم نەشىر قىلىنغان.