Chinese→UyghurMain Dictionary
卡罗二世
دۇنيا تارىخى
كارول Ⅱ
(1893 - 1853) رومىنىيە كورۇلى (1930 - 1940). فېردىناند Ⅰ چوڭ ئوغلى. ئەسلىدە شاھزادە. 1925 - يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ قارشلىقىغا ئۇچراپ، فرانسىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1927 - يىلى فېردىناند ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىپ، نائىبلار ھوقۇق تۇتقان. 1930 - يىلى مەملىكىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دېھقانلار مىللەت پارتىيىسىىنىڭ رەھبىرى يۇلىئۇس مانىبۇ (1873 - 1953) نىڭ ماقۇللىقى بىلەن تەختكە ئولتۇرغان. تەختكە ئولتۇرغان يىللىرىدا ئىچكى جەھەتتە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كونا ئاساسي قانۇننى بىكار قىلغان ھەمدە 1938 - يىلى 2 - ئايدا يېڭى ئاساسى قانۇننى ماقۇللاپ، پادىشاھلىق ھاكىممۇتلەقلىك ئورناتقان. پولات گۋاردىيە پولكى گىتلېر گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە دۆلەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا تەييارلانغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئۆلتۈرگەن. كوممۇنىستىك پارتىيىگە ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، كەسەبىيلەر ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرغان، پومىشچىك، بۇرژۇئازىيەنىڭ بارلىق كونا پارتىيىلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، مىللىي گۈللىنىش سېپى دەپ ئاتالغان سىياسىي ئاپپارات قۇرغان (1940 - يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى مىلللەت پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن). سىرتقا قارىتا ئەنئەنىۋى ئەنگلىيەپەرەسلىك، فرانسىيەپەرەسلىك سىياسىتى يۈرگۈزگەن. 1940 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيىلەر، بېسارابىيە، بۇكوۋىنانىڭڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي دوبرۇجا ترانسىلۋانىيىلەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئورنىنى ئوغلىغا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبور بولغان.