UyghurMain Dictionary
كاللا سوقۇشتۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئېلىشماق، زىتلاشماق، رىقابەتلەشمەك.
ئۇ ئىككىسى دائىم پۈت تېپىشىپ يۈرەتتى، بىرىنى بىرى يېڭەلمەيىتتى. ئۇلار ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ يۈرگىلى خېلى بولدى. سەن ئۇنىڭ بىلەن كاللا سوقۇشتۇرۇپ نېمە قىلىسەن، ھالى كۈنىڭ ياخشىغۇ، جىم يۈر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئارىغا زىددىيەت سالماق، ئۆز- ئارا بىر - بىرىگە زىتلاشتۇرماق، كىشىلەر ئۇ ھەقتە «كاللا سوقۇشتۇرۇپ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپ» دەپ سۆزلىشەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئارىغا زىددىيەت سالماق، زىتلاشتۇرماق.
باتۇر كاللا سوقۇشتۇرۇش ھېسابىغا ئۆز ئەمەلىنى ئۆستۈرمەكچى ئىدى.