Uyghur←ChineseMain Dictionary
كالكىس
Domain: دۇنيا تارىخى卡尔基斯
kǎ ěr jī sī
(قەدىمكى يۇناندىكى شەھەر. ئېۋبېيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدا بولۇپ، بېئوتىيە ئوتتۇرا يۇنانىستان) بىلەن دېڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ. يۇناننىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئانتىكا يېرىم ئارىلى (ئافىنا) دىن كەلگەن ئىئونىيىلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىر ئەتراپلىرىدا <پادىشاھ ئىدارە قىلىش> تۈزۈمىنى يولغا قويغان. كېيىن باي ھىپپوبۇتې جەمەتى ئولىگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزگەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىگىلىكى راۋاجلانغانلىقتىن كالكىسلىقلار چەت ئەلدە مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتكەن. بۇ مۇستەملىكىلەر ئاساسلىقى ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سترىمونىكۇس قولتۇقى بىلەن تېرمايكۇس قولتۇقى ئارىلىقىدىكى جايلاردا ھەمدە ماكېدونىيىگە چېگرىلىشىدىغان چوڭ يېرىم ئارالدا بولۇپ، بۇ يەردە بىرنەچچە شەھەرلەرنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېرىم ئارال كالكىدىكى دەپ ئاتالغان. يەنە ئىتالىيىدە مۇستەملىكە شەھەر كۈمىنى، سىتسىلىيە ئارىلىدا ناكسوسنى قۇرغان. كاللىكىس شەھىرىنىڭ ستراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم (ئىۋبېيە بۇغۇزىنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن) بولغانلىقتىن، بۇ ئارالدىكى يەنە بىر چوڭ شەھەر ئېرېترىيە بىلەن ئېۋبېينى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئۇزۇنغىچە تالاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ماكېدونىيىگە قارام بولۇپ قالغان. كېيىن رىم ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. كالكس شەھىرى ناتىق ئىسايۇس بىلەن شائىر لىكوفرونلارنىڭ يۇرتى. ئارىستوتىلمۇ شۇ يەردە ۋاپات بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.