UyghurMain Dictionary
كاليان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۆزبېكىستاندىكى مەشھۇر مەسچىت خارابىسى بولۇپ، ئورنى بۇخارادا بولغاچقا، «بۇخارا مەسچىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەسچىتنى سېلىش Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. 1514 - يىلى رېمونت قىلىنىپ قايتا ياسالغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9806 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. كەڭتاشا چاسا ھويلا قىلىنغان. ھويلىنىڭ ئەتراپىنى ئۇچلۇق مۇنارلار كارىدور قورشاپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن تۈۋرۈكلەر ئۈستىگە 288 گۈمبەز ياسالغان. مەسچىتنىڭ ئالدى دەرۋازىسى ھەشەمەتلىك ياسالغان. خانىقانىڭ ئۈستىگە غايەت چوڭ گۈمبەز سېلىنغان. مەسچىتنىڭ تاملىرى يېشىل رەڭلىك ساپال بىلەن زىننەتلەنگەن. كۇنۇسسىمان ئېگىز پەشتاق 1127 - يىلى سېلىنغان. پەشتاقنىڭ ئۈستىدىكى ئەگمە شەكىللىك دېرىزىگە سىستولىتسىمان لەمپە قىلىنغان. لەمپىلەر پىشۇرۇلغان خىشتىن گىئومېتىرىيىلىك سىزما نۇسخىلار بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇلار ھازىرغىچە ساق تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 1536 - يىلى سېلىنغان مەدرىسە كاتتا بېزەلگەن. مەدرىسىدە ناھايىتى چوڭ مەقبەرە بار.