Chinese→UyghurMain Dictionary
喀琅施塔得起义
دۇنيا تارىخى
كرونشتاد قوزغىلىڭى
روسىيەنىڭ 1905 - يىلى ئىنقىلابىي مەزگىلدە، بالتىق دېڭىز فلوتى ماتروسىلىرىنىڭ كرونشادتتا كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1905 - يىلىدىكى <17 - ئۆكتەبر خىتابنامىسى> دېڭىز ئارمىيىسىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان. 10 - ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، كرونشادتتىكى ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇدا نامايىش قىلغان ۋە يىغىن ئاچقان. 11 - ئاينىڭ 8 - كانى چار پادىشاھ ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قولغا ئالغانلىقى، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەپچى بولغان. قوزغىلاڭغا تەخمىنەن 3000 ماتروس، 1500 ئەسكەر قاتنىشىپ، كرونشتادت قەلئەسى ۋە شەھەرنى بىر مەھەل كونترول قىلغان. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. قوزغىلاڭچىلار پېتروگرادتىكى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، دائىرىلەر ماتروسلانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. 1906 - يىلى 7 - ئايدا كرونشتادت ماتروسىلىر قايتىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تەخمىنەن 6000 كىشى قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 36 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن