Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاككۇك زىغىرى
بىئولوگىيە
葫芦藓
húluxiǎn
كاككۇك زىغىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى كىچىك، سارغۇچ يېشىل، تۇتۇق بولۇپ، توپلىشىپ ياكى تارقاقلىشىپ ئۆسىدۇ. غولى تاق ياكى شالاڭ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى غول ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ھاۋا قۇرغاق بولغاندا قورۇلۇپ، نەملەشكەندە ئېچىلىدۇ، ئۇزۇن تىلسىمان بولىدۇ؛ ئوتتۇرا تومۇرى بىرئاز توم بولىدۇ؛ يوپۇرماق ھۈجەيرىلىرى شالاڭ جايلاشقان بولۇپ تىك تۆت تەرەپلىك ياكى ئۇزۇن تۆت تەرەپلىك، پوستى نېپىز بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق غوزىدىكى چوققىدا ئۆسىدۇ، غۇنچىسىمان بولىدۇ؛ ئانىلىق غوزىكى ئاتىلىق غوزىكىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا يان شاختا ئۆسىدۇ. غوزەك سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن، قىزغۇچ بىنەپشە بولۇپ، ئۈستى قىسمى ئەگرى، سپورا غوزىكى قاپاقسىمان بولىدۇ. غوزەك چىشى ئىككى قەۋەت بولۇپ، سىرتقى قەۋىتىدە 16 تال چىش ياپرىقى بولىدۇ، ئۇ قۇرغاقچىلىق ۋە نەملىكنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرىكەتلىنىپ سپورىلارنى تارقىتىدۇ. غوزەك قالپىقى خالتىسىمان بولۇپ، ئۇزۇن تۇمشۇقى بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، تۈزلەڭلىك، ئېتىز - ئېرىق، ئاھالە ئولتۇراقلاشقان ئورۇننىڭ ئەتراپى ھەمدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ئۆسۈملۈك
葫芦藓
hú lu xiǎnDئۇنىۋېرسال
金发藓
jīn fà xiǎn