Chinese→UyghurMain Dictionary
开城
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
kāi chéng
كائېسوڭDتارىخ
kāi chéng
كائېسۇڭDتارىخ
开城(朝鲜)
kāi chéng
كەيچېڭDتارىخ
kāi chéng
كەيچېڭDتارىخ
kāi chéng
كەيچېڭ
دۇنيا تارىخى
كېسون شەھىرى
چاۋشيەن پايتەخت ئەتراپى ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى شەھەر. سىئولدىن 78 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، لىچىڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان. كورىيە دەۋرىدە فوسويا ياكى دۇڭبىخۇ دەپ ئاتالغان. سىللا دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇڭيۆ ۋىلايىتى ۋە كېسون ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان. كورىيە دەۋرىدىن باشلاپ چاۋشيەن تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان. كورىيە خانى ۋاڭجەن سۇڭيۆدە تۇغۇلغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن مىلادى 1919 - يىلى پايتەختنى تېيۋەندىن سۇڭيۆنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەپ سۇڭيۆ، كېسون ئىككى ۋىلايەتنى بىرلەشتۈرۈپ كېسون ئايمىقى دەپ ئاتىغان ھەمدە ىانلىق پايتەختىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. نامىنى 960 - يىلى (گۇاڭ زۇڭ 11 - يىلى) كەيجىنگە ئۆزگەرتكەن. 995 - يىلى (چىڭ زۇڭ 14 - يىلى) يەنى كېسون مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1010 - يىلى لياۋ دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېسون شەھىرى قولدىن كېتىپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان. 1018 - يىلى مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شاڭشۇدۇ ئۆلكىسىگە بىۋاستە قاراشلىق ناھىيە تەسىس قىلىنىپ جىڭجى دەپ ئاتالغان. 1924 - يىلى قايتىدىن خانلىق ئوردا بىنا قىلىنغان. 1062 - يىلى (ۋىن زۇڭ 16 - يىلى) مەھكىمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1390 - يىلى (گوڭ راڭ پادىشاھ 2 - يىلى) جىڭقى ئوڭ - سول ئىككى ۋىلايەتكە بۆلۈنۈپ، ئوڭ ۋىلايەتنىڭ قارىمىقىدا بولغان. لى جەمەتىنىڭ چاۋشيەننى گۈللەنگەندىن كېيىن، 1394 - يىلى (تەيزۇ 3 - يىلى) پايتەخت سىئولغ يۆتكەلگەن. 1399 - يىلى كېسون يەنە خانلىق پايتەخت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1405 - يىلىغا كەلگەندە يەنە سىئول پايتەخت قىلىنغان. 1438 - يىلى كېسون مۇداپىئەسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نەچچە قېتىم يۆتكىلىپ، ياپونىيە 1910 - يىلى چاۋشىيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە كېسون مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ خانلىق پايتەختى بولغان چاغلاردا ئەڭ روناق تاپقان. لى سۇلالىسىدىن كېيىن سودا مەركىزىي بولۇپ ھېسابات ئۇسۇلى، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش جەھەتلەردە دۇنياغا داڭق چىقارغان. شۇنداقلا چاۋشيەن مېھرىگىياسى چىقىدىغان ئاتاقلىق جاي، كېسون شەھىرىنىڭ خارابىلىرى كۆپ قېىتملىق ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىشى تۈپەيلىدىن تامامەن دېگۈدەك يوقاپ كەتكەن. ھازىر ساقلىنىپ قالغان خارابىلىرىدىن سۇڭيۆ تېغى ئېتىكىدىكى تولۇن ئاي راۋىقىنىڭ ئۇل تاشلىرى ۋە جىم مىڭجۇغا تەقدىم قىلىنغان سوڭياڭ بىلىم يۇرتى ھەم شەنجۇ كۆۋرۈكى ئەڭ داڭلىق، ئورنى چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش ھەربىي چېگرا سىزىقى 38 - پاراللېلغا يېقىن بولغاچقا، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بەنمىندىيەنمۇ چاۋشيەن ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن جاھانغا تونۇلغان.