Chinese→UyghurMain Dictionary
卡霍夫斯基
دۇنيا تارىخى
كاخوۋسكىي
(1797 - 1826) روسىيىلىك دېكابرست. سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. گۋاردىيە پورۇچىكى. 1821 - يىلى چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىقىپ، غەربىي ياۋرۇپانىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان. 1824 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رىلېيېۋغا ھەمكارلىشىپ دېكابرستلارنىڭ شىمال ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلغان، 1825 - يىلدىكى دېكابرستلار قوزغىلىڭىغا پائال قاتناشقان ۋە قىشلىق ساراينى ئىگىلەپ، خان جەمەتىنى ئۆلتۈرۈشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن نىكولاي Ⅰ گە كۆپ قېتىم خەت يېزىپ يانچىلىق تۈزۈمىنى غەزەپ بىلەن سۆككەن. 1826 - يىل 7 - ئايدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن.