UyghurMain Dictionary
كافېرو
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1892) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ئاتاقلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. قانۇن ئۆگەنگەن. 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ياۋرۇپادا ساياھەتتە بولۇپ، پارىژدا بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دېموكراتلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئۇچراشقان. 1870 - يىلى لوندوندا ماركىس ۋە ئېنگلېس بىلەن تونوشۇپ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە 1 - ئىنتىرناتسىئونالغا قاتناشقان. كېيىنكى يىلى 5 - ئايدا ئىتالىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ نېئاپول ياچېيكىسىنى باشقىدىن قۇرغان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ لۇشيەنىگە ئەمەل قىلغان.1872 - يىلنىڭ بېشىدا ئانارخىست بولۇپ ياكونىن بىلەن ئالاقە ئورناتقان ھەمدە ئىتالىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. 1874 - ۋە 1877 - يىللىرى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەتسىزچىلەرنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرغان. 70 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن ئاستا - ئاستا قۇتۇلغان. ئۇنىڭ 1879 - يىلى ئېلان قىلغان <كاپىتال> نىڭ بىرىنچى تومىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش< دېگەن ئەسىرى ماركىس تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. 1882 - يىلى قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك سەۋەبىدىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنگەن.