Chinese→UyghurMain Dictionary
卡尔莫纳
دۇنيا تارىخى
كارمونا
(1869 - 1951) پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى (1928 - 1951). كېلىپ چىقىشى ھەربىي. ھەربىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. 1922 - يىلى گېنرال پولكوۋنىك بولغان. 1923 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1926 - يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ زۇڭلى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت. 1927 - يىلى پوتۇ ۋە لىسونلاردىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئىچكى كابىنتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلغان. 1928 - يىلى 3 - ئايدا، پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىش شەكلى بىلەن زۇڭتۇڭ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇقنى سالازار ئىگىلىگەن.