Chinese→UyghurMain Dictionary
卡尔洪
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
kǎ ěr hóng
كالخوۋن
دۇنيا تارىخى
كالھۇن
(1782 - 1850) ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى (1825 - 1832). جەنۇبىي كارولىنا شتاتى پارلامېنت ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1804 - يىلى يېل ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1808 - يىلى جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1811 - 1817 - يىللىرى ئىتتىپاق پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1817 - 1825 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1825 - يىلىدىن تارتىپ ج. ك. ئادامىس زۇڭتۇڭ ۋە ئا. جېكسون زۇڭتۇڭ ۋاقتىدا ئىككى قارار مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. ئەسلىدە دۆلەتچىلىك تەرەپدارى بولۇپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنى كۈچەيتىشنى، سودا - سانائەت كارخانىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى، دۆلەت بانكىسىنى قوللاشنى، مۇھاپىزەت تاموژنىسىنى يولغا قويۇشنى ۋە دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشنى ھىمايە قىلىدىغان شتات ھوقۇقچىلىقى تەرەپدارى بولۇپ كەتكەن. ئۇ شتات پارلامېنتىنڭ ئىتتىپاق پارلامېنتىنىڭ قانۇن لايىھىلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ تونۇغان. جەنۇبىي كارولىنا شتاتى پارلامېنتى ئۇنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ قانۇن - پەرمانلىرىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى لايىھىسىنى ماقۇللىغان. 1844 - 1845 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1845 - 1850 - يىللىرى ئىتتىپاق كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.