Uyghur←ChineseMain Dictionary
كادې قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
凯德起义
kǎi dé qǐ yì
1450 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ كېنت ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىلايەتلەردە پارتلىغان قوزغىلاڭ. قوزغىلاڭغا دېھقانلارنى ئاساسىي كۈچ قىلغان بولۇپ، شەھەر قول سانائەتچىلىرى، سودىگەرلەر ۋە كىچىك ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان. جاك كادې (؟ - 1450) رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبى: ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ (1422 - 1461) بالىلىق ۋاقتىدا تەختكە چىققاچقا، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ھاكىممۇتلەقلىق قىلغان، فرانىسيىگە قارشى ئۇرۇش (يۈز يىللىق ئۇرۇش)نىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە باج - سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى سىنىپىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. 1450 - يىلى 6 - ئايدا قوزغىلاڭ كېنت ۋىلايىتىدە پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلار باج - سېلىقنى كېمەيتىشنى، ياۋۇز ئەمەلدارلانى يوقىتىشنى، پارلامېنت سايلىمى قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى، <مېھنەتكەشلەر قانۇنى> نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى،كادې 20 مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، لوندون كەمبەغەللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پايتەختكە بېسىپ كىرگەن. ئەتىسى بەزى ياۋۇز ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرگەن، ھېنرى Ⅵ قېچىپ كەتكەن. كېيىن لوندون باي سودىگەرلىرى ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى شەھەر سىرتىغا قوغلاپ چىقارغان. قوزغىلاڭچى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ كەتكەن. 12 - ئىيۇلدا كادې ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.