UyghurMain Dictionary
كادپىسېس
دۇنيا تارىخى
كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 65 - 75 - يىللار). ۋىما كادپىسېس، يەنى كادىپىسېس Ⅱ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۇجۇلا كادپىسېسنىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە دۆلىتى كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى (باكتىرىيە قاتارلىق)دىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ، ھىندى دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىنى بويسۇنۇشقا مەجبور قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن.