Chinese→UyghurMain Dictionary
卡布拉巴萨水库
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەركابورا باسسا سۇ ئامبىرى
ئافرىقىدىكى موزامبېكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زەمبىزى دەريا بويىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. 1975 - يىلى قۇرۇلغان. توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 168 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 330 مېتىر كېلىدۇ. سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 240 كىلومېتىر، مەيدانى 2660 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۇ ئامبىرىدىن توك ئېلىش، سۇغىرىش، قاتناش ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. توسمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا قۇرۇلغان سۇ ئېلېكتر ئىستانسسىسى بىر مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدۇ، موزامبېك ھۆكۈمىتى بۇ توك بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قاماشتىن سىرت، كۆپلەپ چەت دۆلەتلەرگە توك تارقىتىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.