Uyghur←ChineseMain Dictionary
كابىيلېس قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى卡比尔人起义
kǎ bǐ ěr rén qǐ yì
مۇھەممەد موقرانى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى كابىيلېس دېھقان - چارۋىچىلىرىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1871 - يىل 3 - ئايدا مۇھەممەد مۇقرانى باشچىلىقىدا قوزغالغان. 4 - ئايدا ئىمام ھەدداد غازات ئېلان قىلغان. قوزغىلاڭغا ئەرەب ۋە كابىيلېسلاردىن 250 قەبىلە قاتناشقان. 5 - ئايدا مۇھەممەد موقرانى شېھىد بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى ئەھمەد بۇمەزراغ قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غەربىي ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتكەن. فرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئەسكىرىي كۈچىنى 85 مىڭغا كۆپەيتىپ، قوزغىلاڭچىلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. 7 - ئايدا ھەدداد تەسلىم بولغان. فرانسىيە قوشۇنلىرى 1872 - يىل 1 - ئايدا سەھرا بوستانلىرىدىكى ئاخىرقى بىرنەچچە تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، ئەھمەدبۇمېزراغنى ئەسىرگە چۈشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.