Uyghur←ChineseMain Dictionary
كاباسان ۋەقەسى
Domain: دۇنيا تارىخى加波山事件
jiā bō shān shì jiàn
ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى مەزگىلىدە، رادىكال لىبېراللار پارتىيىسى ئەزالىرى قوزغىغان قوراللىق قوزغىلاڭ ۋەقەسى. 1884 - يىلى 9 - ئايدا فۇكۇسىما ناھىيىسىدىكى كاۋانو خىروتاي قاتارلىق لىبېراللار پارتىيىسى ئەزالىرى توچىگى ناھىيىسىدىكى لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى كوئىنوماكۇخاچىرو، ئىباراكى ناھىيىسىدىكى لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى توماتسۇ ماساياسۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، توچىگى ناھىيىسى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان سانجۇ سانې تومى، ياماگوتوئارىتومو قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. ھۆكۈمەت تەرەپ سۈرۈشتە قىلغانلىقتىن، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كاۋانو، توماتسۇ قاتارلىق 16 كىشى ئىباراكى ناھىيىسىدىكى كاباسان تېغىنى ئىگىلەپ قوزغىلاڭ تۇغىنى تىكلەپ، قوزغىلاڭ چاقىرىقنامىسى چىقارغان، جازانىخورلارنىڭ قورۇ - جايلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئامما بىەن ئالاقە باغلىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ يىتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، 25 - كۈنى چىكىنىشكە مەجبور بولغان. كېيىن قوزغىلاڭچىلار جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ، توماتسۇ قاتارلىق يەتتە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، كاۋانو خىروتاي قاتارلىق يەتتە كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.