UyghurMain Dictionary
كابې
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىلىك خىيالىي كوممۇنىزمچى. ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە ئادۋۇكات. 19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا كاربونارلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1830 - يىلىدىكى ئيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن كورسىكا ئارىلىنىڭ تەپتىش باشلىقى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1833 - يىلى <ئاۋام> ژورنىلىنى چىقىرىپ، دېموكراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. كېيىنكى يىلى چەت ئەلگە چىقىىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. ئەنگلىيىدىكى چېغىدا ئىكارىيە كوممۇنىستىك كۆز قارىشى شەكىللەنگەن. ۋەتىنىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىقچىلىق ئىشى ۋە تەتقىقات تەرغىبات پائالىيىتى بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1841 - يىلى يەنە <ئاۋام> ژورنىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كوممۇنىزم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئوۋېننىڭ قوللىشى بىلەن 1848 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا ئىكارىيە كۆچمەنلەر رايونىنى قۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان، كابې باراۋەرلىك، مىھرىبانلىق، بىرلىك ۋە دېموكراتىك ئاساستىكى كوممۇنىستىك غايىۋى جەمئىيەتنى تەسۋىرلەپ بېرىپ، ئۇنى تىنچلىق يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن، دەپ تۇنۇغان. گەرچە ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيىتى بولمىسىمۇ كوممۇنىستىك ئىدىيىنى تارقىتىشتا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ <ئاممىباپ فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى 1789 - 1830(>، <ئىكارىيىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.