—Reference
كەڭ قاپىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بوغۇم تۈزۈشكە كۆپرەك قاتنىشىدىغان تاۋۇشلاردىن تەركىب تاپقان قاپىيە كەڭ قاپىيە بولىدۇ. كەڭ قاپىيە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىنىدىغان قاپىيە بولۇپ، بوغۇم تۈزۈشكە كۆپرەك قاتنىشىدىغان ئا، ئە، ئۇ، ئى سوزۇق تاۋۇشلىرى ۋە د، خ، ل، م، ن، ر، س، ت، ز، غ، ق، ي ئۈزۈك تاۋۇشلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.