UyghurMain Dictionary
جۇزۇلىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ماراكەشتىكى شازىلىيە پىرقىسىنىڭ تارمىقى بولۇپ، بۇنى مۇھەممەد بىننى سۇلەيمان جۇزىلى (؟ - 1465) قۇرغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، جۇزۇلى بەربەر قەبىلىسىدە چوڭ بولغان. پەيغەمبەر ئەۋلادى بولۇپ، ماراكەشنىڭ جەنۇبىدا باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شازىلىيە دىنىي پىرقىسىگە قاتناشقان. كېيىن ماراكەشنىڭ غەربىي قىسمىدا دىنىي تەبلىغات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاسغى (ھازىرقى سافى) نى دىنىي تەرغىبات مەركىزى قىلغان. ئۇ مول دىنىي بىلىمى بىلەن تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، پىرقە ئىستىقامىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ مۇرىتنى كۆپ قىلغان. تەسىرى ۋە كۈچى كۈنسايىن ئېشىپ، <ۋەلى> دەپ ھۆرمەتلەنگەن. نەتىجىدە يەرلىك ھۆكۈمرانلار نارازى بولۇپ، بۇ رايوندىن قوغلىۋېتىلگەن. ئۇ 1470 - يىلى ۋاپات بولغان. شاگىرتلىرى ئۇنى ھۆكۈمەت زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ گۇمان قىلىپ 20 يىل كۈرەش قىلغان. 1523 - يىلى سەئىد سۇلالىسى مۇشۇ پىرقىنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىقتى. سۇلتان ئەھمەد ئاراج جۇزۇلىغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن دادىسىنىمۇ ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلدى. 1529 - يىلى ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ماراكەشكە يۆتكىدى ھەمدە قەبرىگاھ سالدۇردى. جۇزۇلىنىڭ <دەلائىل خەيرات> ناملىق ئەسىرى بولۇپ ئۇنى بۇ پىرقە كاتتا كىتاب دەپ بىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، جۇزۇلىنىڭ قۇرغىنى پىرقە بىلەن چەكلەنمەستىن، يېڭى نىشان ۋە يۈزلىنىشكە ئىگە مەزھەپتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسى پەيغەمبەرگە ئىخلاس قىلىش ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇشقا قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، <دەلائىل خەيرات> نى يادقا ئوقۇش كېرەك. بەلگىلىنىشىچە، مۇرىتلار <قۇرئان كەرىم> نى يادلىغاندىن باشقا، ھەر كۈنى 14 مىڭ قېتىم تەسمىيە ئوقۇشى (بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم دېيىشى)؛ <دەلائىل خەيرات> نى ئىككى قېتىم ئوقۇشى كېرەك؛ ھەر كۈنى كەچتە <دەلائىل خەيرات> نى بىر قېتىم ۋە <قۇرئان كەرىم> نىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئوقۇشى كېرەك. بۇ پىرقە مەغرىبتە خېلى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقتىن، ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جۇزۇلىنىڭ شاگىرتلىرى <تائىفە> دىنلارنى بەرپا قىلدى. لېكىن، بۇ پىرقە مەغرىبتىن باشقا جايلارغا تارقالمىدى.