Uyghur←ChineseMain Dictionary
جۇئارىز
دۇنيا تارىخى
胡亚雷斯
hú yà léi sī
(1806 - 1872). مېكسىكىنىڭ مىللىي قەھرىمان، زۇڭتۇڭى (1858 - 1872). نامرات ئىندىئان دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن مەكتىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1847 - 1852 - يىللىرى ئوخاكا شتاتىنىڭ بالشىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە ئامېرىكىنىڭ تاجۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشكىللىگەن. 1852-يىلى سان ئاننانىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى چىققانلىقتىن چېگرىدىن قوغلانغان. 1854-يىلى مېكسىكىغا قايتىپ كەلگەن. 1855-يىلى ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1857-يىلى لىبېرالىستلار ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1858-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن. 1859-يىلى راھىبلار ۋە ئارمىيىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىدىغان ئىسلاھات قانۇنى (جۇئارىز قانۇنى) نى ئېلان قىلغان. چېركاۋنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك دىنىي جەمئىيەت، چوڭ يەر ئىگىلىرىنى چەكلەيدىغان ۋە ئىندىئانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. ئىچكى ئۇرۇشتا (1856 - 1860) ئەكسىيەتچىلەرنى تارمار كەلتۈرۈپ غەلىبە قازانغان. 1861-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1862 - 1867 - يىللىرى ناپولېئون Ⅲ نىڭ مېكسىكىغا قىلغان تاجاۋۇزىنى تارمار كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قالغان.