Uyghur←ChineseMain Dictionary
جۇخار گۈلى
بىئولوگىيە
菊花
júhuā
جۇخار گۈلى ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى ئانچە - مۇنچە ياغاچلىشىدۇ، غولى تىك ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسىمى بەزىدە ياغاچلىشىدۇ، ئۈستى قىسىمى شاخلىنىدۇ، ئىنچىكە تۈكچىلەر ياكى تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇم شەكىللىكتىن تۆمۈنە شەكىللىككىچە بولىدۇ. گىرۋىكىدە يىرىك چوڭ ھەرە چىشى بولىدۇ ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ. باشسىمان گۈل رېتى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. سىرتقى قەۋىتىدىكى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يېشىل، يىپسىمان بولىدۇ، گىرۋىكى پەردىىشىدۇ؛ تىلسىمان گۈلى ئاق، قىزىل، سۆسۈن ياكى سېرىق بولىدۇ. ئورۇق مېۋىسى يېتىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو ۋە ياپونىيە. ئۇنىڭ سورتلىرى گۈل رېتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، رەڭگى ۋە شەكلىگە ئاساسەن پەرقلىنىدۇ. جۇخار گۈلى ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان چىرايلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. ئاق جۇخار گۈلى ئىچىملىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاق جۇخار گۈلى بىلەن سېرىق جۇخار گۈلىنىڭ باشسىمان گۈل رېتى جۇڭگوچە داۋالاشتا دورىغا قوشۇلىدۇ، شامال ۋە ئىسسىقنى تارقىتىش، جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئاساسەن زۇكام (تومۇ)، باش ئاغرىش، كۆز قىزىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ. ئادەت بويىچە يەلنى تارقىتىپ ئىسسىقنى ھەيدەشكە سېرىق جۇخار گۈلى، جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈۈشكە كۆپىنچە ئاق جۇخار گۈلى ئىشلىتىلىدۇ. جۇخار گۈلى يىلتىزى ياكى ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك
菊花
jú huā