UyghurMain Dictionary
جۇۋاۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈگۈپ ئېتىلىدىغان تاماقنىڭ بىر تۈرى. قىيما پىياز، دارى _ دەرمەك، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كېيىن جىلتىگە تۈگۈپ، سۇدا پىشۇرۇلىدۇ، قاسقاندا پىشۇرۇلىدىغان تۈرىمۇ بار.
« بەنشى » قۇمۇل _ تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
جۇۋاۋا يەيمەن دېگۈچە، گۆش يەيمەن دېگىن. جۇۋاۋا خەنزۇلاردىمۇ ئېسىل تاماقنىڭ بىرى، چاغاننىڭ ھارپا كۈنى كېچىدە قول _ ئىلكىدە بارلار چوقۇم جۇۋاۋا تۈگۈپ يەيدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق گۆش بىر كىلوگرام، جاڭيۇ ئازراق، بەسەي 500 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا 250 گرام.
بوشراق، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قۇرۇق ئۇن سېپىپ، ئۈستىنى قۇرۇق لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت
ئېچىلىدۇ.
2. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈپ ياكى توغراپ، ئۇنىڭغا شورپا ياكى سۇ قۇيۇپ سىڭدۈرۈپ، ئۇششاق توغرالغان بەسەي (سۈيى سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن)، جاڭيۇ، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى سېلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
3. ئېچىلغان جىلىتقا بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، پەس ئوتتا 6-5 مىنۇت پىشۇرۇپ، قازان ۋاراقلاپ قايناپ كەتسە، پات - پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كېتىدۇ. پىشقان جۇۋاۋىنى تەخسىگە سۈزۈپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە ۋە چوكا قويۇلىدۇ.
بەسەي، جاڭيۇ، سۇ يېغى، سۇ، شورپا دېگەنلەرنى شارائىتقا، ئادىتىگە قاراپ ئىشلەتسە ياكى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئائىلىلەردە كۆپىنچە گۆش، پىياز بىلەنلا ئېتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
يېمەك - ئىچمەك
ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر خىلى. ئۇ پېتىر خېمىردىن كىچىك ئېچىلغان جىلتىگە قىيماسېلىپ تۈگۈلۈپ، قايناق سۇدا پىشۇرۇلىدۇ.