Chinese→UyghurMain Dictionary
具体和抽象
پسىخولوگىيە
كونكرېتلىق ۋە ئابىستراكتلىق
بۇ پەلسەپە ئاتالغۇسى. كونكرېتلىق بىلەن ئابىستېكتلىك كىشىنىڭ بىلىشى جەريانىدىكى ئايرىلماس ئىككى جەھەتتە بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا باغلىنىدۇ، ئۆزئارا سىڭىشىدۇ، ھەمدە مۇئەييەن شارائىتتا ئۆزئارا ئالمىشىدۇ ( يەنى بىر بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ). كىشلەر شەيئىلەر توغرىسىدا ئىلمىي بىلىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوبيېكتىپ كونكرېت ئەمەلىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، مول ماتېرىيال توپلىشى كېرەك. شەيئىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە خۇسۇسىيىتى ۋە مول ماتېرىيال توپلىشى كېرەك. شەيئىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىچكى باغلىنىشلىرى تېخى ئېچىلمىغان ئەھۋالدا، بىلىش پەقەت ھېسسىي تەسەۋۋۇرنىڭ كونكرېتلىكىلا بولىدۇ، يەنى تۆۋەن دەرىجىلىك ھېسىي كونكرېت بىلىش بولىدۇ. بۇ خىل كونكرېت بىلىش پەقەت تەتقىقات ئىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا تەپەككۈرنىڭ ئابىستراكتسىيلەش قابىلىيىتىنى تەتبىقلاپ، شەيئىنى قىسىم ۋە تەرەپلەرگە ئاجرىتىپ، تۈرلۈك تەرەققىيات ھالەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەر خىل ئاددىي ئۇقۇم، ھۆكۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مانا شۇ چاغدا، بىلىش كونكرېتلقتىن ئابىسراكتلىققا ئايلىنىدۇ. لېكىن ئابىستاكتلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى زىددىيەتلىك بولىدۇ. بىر تەرەپتىن، ھېسسي كونكرېتلىقتىن بىر قەدەم چوڭقۇرلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر قىسىم ۋە تەرەپلەر پەقەت مۇستەقىل يەنى ئايرىم كۈزىتىلىپ، شۇ ئۇسۇلدا توختاپ قېلىنسا، بىلىش بىر تەرەپلىمىلىك، قۇرۇق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىستراكتسىيلەشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يەنىمۇ كونكرېت ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك. يەنى ئېرىشلگەن تۈرلۈك ئاددىي ئوقۇملارنى كونكرېت شارائىت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، پۇختا ھالدا ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ ( تەكشۈرۈپ)، شەيئىنىڭ تەرەپلىرى ئارىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى تېپىپ، نەزەرىيە جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك، مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تونۇش كېرەك. مانا شۇ چاغدا، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت توغرىسىدا ھەقىقى ئىلمىي بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي كونكرېت بىلىشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. كونكرېتلىقتىن ئابىستراكتلىققا ۋە ئابىستراكتلىقتىن يەنە كونكرېتلىققا ئۆتۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى دىئالېكتىكىنىڭ تەپەككۈر جەريانىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى ئىلمىي ئۇسۇلى.