UyghurMain Dictionary
جۇت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق سوغۇق، شىۋىرغان.
ئورغاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا قۇت، تاۋاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا جۇت. جېنڭغا جۇت كىرسۇن. قالپىقىنى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ. تاغاقسىدا جۇدۇن كۆپ بولىدۇ. بېلىقچىقۇش بوران _ چاپقۇندىن قورقماس. ھاۋا رايى ئىستانىسسى، ئەتە سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ، دەپ ئالدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. تۇمانلىق سوغۇق شامال.
جۇت ئاپىتى.
ئى. كۆچمە. باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك؛ بالا - قازا.
جۇتنى كۆرگەن ياشلىق ئۆمرىمىز بۈگۈن باھار پەيزىنى سۈردى.
سۈپ. باشقىلارغا ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان.
- جۇتلۇق ھاۋا كىرگەندىن بۇيان، جۇت ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىمۇ بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.
سۈپ. كىيىم - كېچەك توشىمايدىغان.
ئايىغى جۇت بالا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بوتانىكا
لىپا دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇ ئۆسۈملۈك. قوۋزاق تالاسى توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ، يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. بالىياتقۇ قاناش، دوۋساققا تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.