UyghurMain Dictionary
جۇشەن بازىرىدىكى شىمالىي خامە
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى جېنەندىكى كەيفېڭ شەھىرىنىڭ جۇشەن بازىرىدا. بۇ مەسچىت 1531 - يىلى سېلىنغان. 1745 - يىلى رېمونت قىلىنغان. جۇشەن بازىرىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇپ، شىمالىدىكى تۆت مەسچىتنىڭ ئىچىدە بۇ مەسچىت ئەڭ ياخشى ساقلانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. قۇرۇلۇش كۆلىمى 10 مىڭ 30 كۋادرات مېترغا يېتىدۇ. دەرۋازىلارنى زىننەتلەشتە ئەينەك ئورنىغا بېلىق قاسرىقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنداق زىننەتلەنگەن دەرۋازا جۇڭگودىكى ئاز ئۇچرايدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.