Chinese→UyghurMain Dictionary
均田法
دۇنيا تارىخى
يەر تەڭشەش قانۇنى
ۋيېتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنڭ يەر سىياسىتى. 1429 - يىلى، لى تەيزۇ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. لى جەمەتى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە يەرگە بولغان ئىگىدارچىلقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەكشى بولماسلىقىدەك ئەھۋالنى پەسەيتىش مەقسەت قىلىنغان. ئۇنىڭدا قاقاس ياكى مۇسادىرە قىلىۋالغان يەرلەرنى جامائەت يەرلىرى سۈپىتىدە، يۇقىرىدا ۋەزىرلەردىن، تۆۋەندە قېرى - ئاجىز، تۇل خوتۇن، يېتىم - يېسىرلەر، ھەربىيلەر ۋە خەلقلەرگىچە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. بىراق كۆپ قىسمىنى <مائاش - تەمىنات يېرى> سۈپىتىدە ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن، ئاز بىر قىسىم يەرلەرنى ھەربىي ۋە خەلقلەرگە بۆلۈپ بەرگەم بۇنىڭدا ھەربىيلەر بەش ئۈلۈش، ئاددىي پۇقرالار تۆت ئۈلۈش، تۇل خوتۇن، يېتىم - يېسىرلەرگە ئۈچ ئۈلۈش يەر تەگكەن. يەرگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى پادىشاھقا مەنسۇپ بولغان، يەرگە ئىگە بولغۇچىلاردا پەقەتلا يەرنى تېرىش ھوقۇقى بولۇپ، چوقۇم ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ سىياسەت دېھقانلارنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ ياكى ئەمەلدارلارنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئامما ئەينى زاماندىكى يەرلەنىڭ ئاق تاشلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتلەردە مۇئەييەن رول ئوينىغان.