Chinese→UyghurMain Dictionary
君士坦丁五世
Domain: دۇنيا تارىخىكونىستانتىن Ⅴ
(719 - 775) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (741 - 775). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن مىلادى 741 - 742 - يىللىرى ئارتاۋاسىدېس قوزغىغان توپىلاڭنى تارمار قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەبلەر ۋە بۇلغارىيىلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. 754 - يىلى دىنىي يىغىن چاقىرىپ، بۇتقا چوقۇنۇشنى ئەيىبلىگەن، كېيىن موناستىرلارنى كەڭ كۆلەمدە تاقاپ، موناستىرلارنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە تەقىسم قىلىپ بەرگەن. (<بۇت چېقىش ھەرىكىتى> گە قاراڭ).
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.