UyghurMain Dictionary
جۇلاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالداش، ئېزىقتۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل.
ھىيلىدىن ھالۋا ياساپتۇ. ئەر ھىيلىسى بىر، خوتۇن ھىيلىسى مىڭ. ھىيلە - مىكىر بىلەن باشلانغان ئىش ئۇرۇش بىلەن تۈگەر. كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھىيلە - مىكرى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ، ھەقىقەت نەيرەڭدىن. پەنت قىلساڭ پەملەپ قىل. پىلتكەڭنى قوي، ئىشنى پۈتتۈر. پىرىپ پىكىرنى بۇزىدۇ.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
نەيرەڭ، ھىيلە، مەسىلەن:
لىڭىرچاق توقۇمىساڭ،
ياغىر چىقادۇر ئۇلاغىڭ.
مەن سېنى قوشماۋادىم،
ئۇ بىزگە قىلغان جۇلاغىڭ.