UyghurMain Dictionary
جۇڭگو ئىسلام تارىخىغا دائىر پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن تاللانما
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى بولۇپ، بۇنى بەي شۇلىن «جۇڭگو ئىسلام تارىخىي تىزىسلىرى» دىن دەرس ئۆتكۈچىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە تۈزگەن. بۇنىڭغا چېن جەنجاڭنىڭ «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى تارىخى»، چېن يۈەننىڭ «ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىش تارىخى»، بەي شۇلىننىڭ «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنى»، «ۋۇجەننىڭ <مەسچىتلەر خاتىرىسى> كە كىرىش سۆز»، «<خۇەيشېڭ مەسچىتىنى قايتا سېلىش خاتىرىسى> گە كىرىش سۆز»، «پاڭ شىچەننىڭ «جۇڭگودىكى ئىسلام مەدرىسە تەربىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دەرسلىكلىرى»، «تارىخىي خاتىرىلەر» قاتارلىق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن. 1948 - يىلى ۋرېنتۇڭ كىتابخانىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلىدى.