Uyghur←ChineseMain Dictionary
جۇڭگو چىنارى
بىئولوگىيە
梧桐
wútóng
يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ستېركول دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دەرەخ تاجى يۇمىلاق، قوۋزىقى سىلىق، كۈل رەڭ يېشىل بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، 3 - 6 گىچە ئالىقانسىمان تېيىز ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ، كەڭلىكى 30 سانتىمېتر بولۇپ، ئۈستۈنكى يۈزىدە ئاساسەن تۈكچىلەر بولمايدۇ، ئاستىنقى يۈزىدە يۇلتۇزسىمان قىسقا، يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزنلۇقى يوپۇرماق ئالقىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتىنى يۇمشاق تۈك ئوراپ تۇرىدۇ. گۈل تاق جىنىسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ، گۈلتاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ. مېۋىسى غۇنچىسىمان مېۋە بولۇپ، پىشقاندا يوپۇرماققا ئوخشاش ئېچىلىدۇ، ئۇرۇقى گىرۋىكىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، شار شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ياپونىيىدىمۇ بار. دەرەخ غولى تىك ئۆسىدۇ، ئۆسۈشى تېز، ئادەتتە ھويلا ئاراملارغا تىكىلىدۇ؛ تۇپراق قەۋىتى قېلىن، نەم تۇپراقتا ئۆسىدۇ. ياغىچىدىن چالغۇ ئەسۋاب ياكى ئۆي سايمانلىرى، قوۋزاق تالاسىدىن قەغەز، ئارغامچا ياسىلىدۇ؛ ئۇرۇقىنى قورۇپ يېيىشكىمۇ، ماي تارتىپ مېيىنى سوپۇن ياساش ۋە سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ؛ يوپۇرماق، گۈل، يىلتىز ۋە ئۇرۇقلىرى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش، نەملىكنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
يېزا ئىگىلىك
梧桐
wú tóng