Uyghur←ChineseMain Dictionary
جۇففرې
دۇنيا تارىخى
霞飞
xiá fēi
(1852 - 1931) فرانسىيە مارشالى. كىچىك ۋاقتىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1885 - يىلىدىكى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە، 1894-يىلىدىى ئافرىقىدىكى تىباكىتو (ھازىر مالىغا تەۋە) ۋە 1897-يىلىدىكى ماداغاسقار قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1911-يىلى باش تاب باشلىقى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا غەربىي سەپتىكى فرانسىيە قوشۇنىنى باش قوماندانى بولغان. ئۇنىڭ گېرمانىيىگە تاجاۋۇز قىلىش پىلانى گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ بېلگىيە ۋە فرانسىىنىڭ شىمالىغا تېز يۈرۈش قىلغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان. 1914-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 1-قېتىملىق مارنې جېڭىنى قوزغاپ، گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ سىلفېن پىلانىنى بىتچىت قىلغان. 1915-يىلى 12-ئايدا فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1916-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستېپا بېىرپ، شۇ كۈنى فرانسىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. <ئەسلىمىلەر> دېگەن ئەسىر بار