Chinese→UyghurMain Dictionary
决水罪
Domain: جىنايەت ۋە جازايار قويۇۋېتىش جىنايىتى
بۇ - قەستەن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىپ، جامائەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى (خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، جامائەت ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ زور مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى) بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يار قويۇۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتىپ - ئادەتتىكى سۇبېيكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
115 - ماددا 1 - تارماق ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقارنلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى,قانۇن,ئەدلىيە
jué shuǐ zuì
يار قويۇۋېتىش جىنايىتى
GetWord Corpus
Pronunciation: 8jué shuǐ zuì
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.