UyghurMain Dictionary
جىسكا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1360 - 1424) ھۇس ھەرىكىتىدىكى تابور گۇرۇھى قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى، چېخلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى. زاۋال تاپقان رىتسار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. چېخلارنىڭ كورۇلى ۋاسلاۋ Ⅳ نىڭ نۆكىرى بولغان. كېيىن چىخ قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ 1410-يىلى گرۇنۋارد جېڭىگە قاتنىشىپ، پولشا، لىتۋا ۋە رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ تبۇتون رىتسارلار پولكىنى مەغلۇپ قىلغان. 1419-يىلى 7-ئايدا ھۇس ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېين تابور گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1420 - 1422 - يىللىرى، رىم پاپاسى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى سىگىسمۇندىڭ چېىقا قارشى قوزغىغان ئۈچ قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلغان. 1422 - يىلى ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ياردەمچىىنىڭ قولىنى تۇتۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.