Uyghur←ChineseMain Dictionary
جوئېئى نىزامى
Domain: دۇنيا تارىخى贞永式目
zhēn yǒng shì mù
ياپونىيە كاماكۇرا باكۇ شوگۇنلىقىنىڭ ئاساسىي قانۇنى. 1232-يىلى (ياپونىيە جوئېئىنىڭ بىرىنچى يىلى) ھاكىم ھوجو ياسۇتوكى تۈزگەن. بۇ نىزامدا سامۇرايلارنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىنغان. جەمئىي 51 ماددا. مىناموتۇ يورىتومودىن بۇيانقى سامۇرايلارنىڭ ئادەت قانۇنى ۋە ھۆكۈمنامە مىساللىرىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، سامۇرايلارنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى، يەر ۋە باج - سېلىق تاپشۇرۇش تۈزۈمى، ھەربىي - مەمۇرىي قوماندانلار، بەگ - خوجىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، ھەق - تەلەپ جازا قانۇنلىرى، ئۇرۇقداشلارنىڭ ۋارىسلىقى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. تۈزگەندە باكۇ شوگناتنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى رايونلاردىلا يولغا قويۇلغانلىقتىن <كانتون نىزامى> دەپمۇ ئاتالغان؛ كېيىن دائىرىسى بارا - بارا كېڭەيتىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈپ قانۇنغا ئايلانغان. كاماكۇرا باكۇ شوگناتلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. تەسىرى توكۇگاۋا دەۋرىگىچە داۋاملاشقان. تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇنى <توقۇقلانغان نىزام> دەپ ئاتىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.