Uyghur←ChineseMain Dictionary
جون
تارىخ
约翰
yuē hànDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
约翰〈加、澳、美〉
yuē hàn 〈jiā 、ào 、měi 〉
دۇنيا تارىخى
约翰
yuē hàn
(1) جون (يەرسىز، 1167 - 1216) ئەنگلىيە پىلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1199 - 1226)، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ نىڭ كەنجى ئوغلى. كىچىكىدە خوجىلىق زېمىنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن <يەرسىز> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاكىسى رىچارد Ⅰ ئۈچىنچى قېتىمىلق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزىغا قاتناشقان مەزگىلىدە، فرانسىيە كورۇلى قىلىپ Ⅱ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان. 1214 - يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇۋىن (فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) جېڭىدە، جون ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ئوتتۇن Ⅳ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، پلانتاگېنېت خاندانلىقىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن مەھرۇم بولغان. كېنتېربېرى ئارخېئېپسكوپنى تاللاش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن پاپا ئىنوگېنت Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، نەتىجىدە دىندىن چىقىرىلىپ، پادىشاھلىقتىن قالدۇرۇلۇش خگۋپى ئاستىدا تىز پۈككەن ھەمدە يىلىغا مىڭ مارك (660 فوندستېرلىڭغا تەڭ) ئولپان تاپشۇرغان . ئىچكى جەھەتتە فېئودال ئادەتلەرنى ئۆز مەيلىچە ئاياغ ئاستى قىلىپ، باج - سېلىقنى كۆپەيتىپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1215-يىلى 6-ئايدا، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنى پادىشاھ ھوقۇقىنى چەكلەش بۈيۈك ئاساسىي نىزامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا (121) سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇرۇش جىددىي داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئۆلگەن. (2) جان (ليۇكسېمبۇرگلىق، تەخمىنەن 1296 - 1346). ليۇكسېمبۇرگ گرافى (1309 - يىلىدىن تارتىپ)، چېخ كورۇلى (1310 - 1346). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ھېنرىخ ⅤⅡ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، دائىم چېخ پارلامېنتىنى چاقىرىپ تۇرغان، چېخ فېئوداللىرىغا نۇرغۇن ئىمتىياز بەرگەن. باۋارىيىلىك لۇئى (يەنى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى لۇئى Ⅳ) بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كارىنتىيە (ھازىرقى ئاۋسترىيىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە) ۋە شىمالىي ئىتالىيىنى تالىشپ كەلگگن. ئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشىدا، فرانسىيە پاىدشاھى فىلىپ Ⅵ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئەنگلىيىگە قارشى تۇرغان؛ 1346-يىلى 8-ئايدا كرېسسى جېڭىدە ئۆلگەن. (3) يوھان (لېيدېنلىق، تەخمىنەن 1510 - 1536). خرىستىئان دىنى قايتا چوقۇنغۇچىلار ۋە مىيونىستېر كوممۇنىسىنىڭ يولباشچىسى. نىدېرلاندىيىنىڭ لېيدېن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى تىككۈچى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە پورتوگالىيە قاتارلىق ئەللەرگە بارغان. مونزېر تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1533-يىلى، نىدېرلاندىيە قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ يولباشچىسى يوھان ماتسغا ئەگەشكەن. 1534-ىلىىڭ باشلىرى مىيونىستېر (گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) غا كەلەگن. شۇ يىلى 2-ئايدا مىيونستېر كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ماتس بۇ كوممۇنىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ سايلانغان. 4-ئايدا ماتس جەڭدە ئۆلۈپ يوھان ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ، <يېڭى ئېرۇسالىم (ميونىستېر) كورۇلى> قىلىپ بەلگىلەنگەن. قايتا چوقۇنغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەقدىلىرى بويىچە، كوممۇنا بەزى تەڭ تەقسىماتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان. 1536-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مىيونىستېر شەھىرى قولدىن كەتكەن، ئۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئىككىنچى يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى زىيانەشلىككە ئۇچرىغان.