UyghurMain Dictionary
جىنى تۇتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىزا _ ئاھانەتتىن ۋە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك.
تېرىككەننىڭ جېنىنى ئال. چېچىلغان چېچىلىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارغا بۇنچىۋالا مۆكۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇ ئاسان ئىزا بولىدۇ. بەڭگى جىلە بولسا، ناسىۋال يەيدۇ، مەسىت جىلە بولسا، دەسمال يەيدۇ. تۇرسۇن ئۇ گەپنى ئاڭلاپ چىچاڭشىپ كەتتى. مانا ئەمدى ئۇ توقۇمنى قارنىغا ئالدى، چاتاق بولدى. ئۇ تازا تېرىكتى، تۆت پۇتى ئۆرە قالدى. جاپپارنىڭ جىنى تۇتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خاپا بولۇپ، خۇيلىنىپ قالماق.
ئۇنىڭ جىنى تۇتقاندا كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ. بۇ بالىنىڭ خۇيى تۇتسا، ئىت بىكار قالسۇن. ۋۇي، بۇ خېنىمنىڭ ئالا كۈچۈكلىرى كەپ قاپتۇغۇ.