UyghurMain Dictionary
جىم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى « ج » نىڭ ئېتى. كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش
1. ئۈن _ تىنسىز، مىدىر _ سىدىر قىلماي، تىم، شۈك.
جىم تۇرماق.* جىم بولماق.* جىم ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى قوزغىماق.* سالتاڭ گاداي جىم ئۇخلايدۇ ( ماقال ).
2. ئۈندەش سۆز. خەپشۈك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى ج ھەرىپىنىڭ نامى:
بۆلەكلەر زۇلم ھەدىن ئول ئىكەۋغە يەتكۈرە ئالماس،
جافانىڭ جىم ي گەر كۆزۇ، سىتەمنىڭ سىن ي قاش ئولسۇن.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈن چىقارماسلىق، سۈكۈت.
پىچىقى كەسمەسنىڭ ئاغزى جىم تۇرماس. سەن شۈك، مەن شۈك، ئوتتۇرىدا قارا مۈشۈك. گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپشۈك. تەك تۇر _ جىم تۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئاۋاز، تاۋۇش چىقارماي، ئۈندىمەي، ئاۋازسىز، تاۋۇشسىز.
جىم ئولتۇرماق.
مىدىرلىماي، ھەرىكەتسىز.
جىم ياتماق. جىم تۇرماق.
<ئاۋازىڭنى ئۆچۈر، تاۋۇشۇڭنى چىقارما؛ تىنچ تۇر، تىنچلان> مەنىلىرىدە ئۈندەش رولىدا كېلىدۇ.
- جىم، - دېدى مېھرىئاي يىغلاۋاتقان بالىسىغا قاراپ.