UyghurMain Dictionary
جىڭجاڭدىكى چىڭشى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىڭجاڭ شەھىرىدىكى شىمېننىڭ سىرتىدا. سېلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. كاڭشى يىللىرى كېڭەيتىپ سېلىنغان. 1853 - يىلى ھەربىي مالىمانچىلىق ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1873 - يىلى قايتا سېلىنغان. 1902 - يىلى قايتا كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى كۆلەمگە يەتكۈزۈلگەن. 1981 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئىككى مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. نامازخانىنىڭ كۆلىمى 440 كۋادرات مېتىر بولۇپ، تۈۋرۈكلەرگە رەڭلىك نەقىشلەر ئىشلەنگەن. نەقىش شەكىللىرى مىڭ خىلغا يېتىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەملىكەت بويىچە دىنىي كىتابلارنى باسىدىغان مەركەزلەرنىڭ بىرى بولغان؛ گۇاڭشۈي يىللىرى بۇ مەسچىتتە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، مىنگونىڭ باشلىرىدا ياڭ دېچىڭ، ياڭ خېشياڭ قاتارلىق كىشىلەر بۇ مەسچىتتە دىننى تەشۋىق قىلىپ ئەلگە مەدەت بېرىدىغان تەشكىلاتلارنى قۇرغان.