Chinese→UyghurMain Dictionary
脊椎动物比较解剖学
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسى
قىسقارتىپ سېلىشتۇرما ئاناتومىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئوزوئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ھەر قايسى تۈركۈمىنىڭ ئورگان ۋە ئورگان سىستېمىلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇرلانىڭ مورفولوگىيىلىك شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ياش قاتمىسىغا ئاساسلىنىپ، ئىگە بولغان ئورگانلارنىڭ ئوخشاش مەنبەلىك ياكى ئوخشاش ئىقتىدارلىق بولۇش بىلىمىگە ئاساسەن، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەر قايسى تۈركۈملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق تەدرىجىي تەرەققىيات مۇناسىۋىتىنى شەرھلەيدۇ. سېلىشتۇرما ئاناتومىيە جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات ئىلىمىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلىمەكتە.