Chinese→UyghurMain Dictionary
吉泽布勒希特
Domain: دۇنيا تارىخىگىئېسېنرېخت
(1814 - 1889) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. رانكېنى ئۇستاز تۇتۇپ، تارىخ تەتقىق قىلىپ، رانكې ئېقىمىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. 1857 - يىلى كيونىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتىتىدا پروفېسسور بولغان. 1862 - يىلى ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئالتە توملۇق <گېرمان ئىمپېرىيىسى تارىخى> بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئاساسەن، Ⅹ ئەسىردىن ⅡⅩ ئەسىرگىچە بولغان مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان؛ ئوتتۇرا ئەسىردىكى گېرمانىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمى گۈزەللەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زامان ئىلمىي ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ئەسەر دەپ قارالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا <ئوتتو Ⅱ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە يىلنامىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.